خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تورىنىڭ 6-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 5-مارت قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاپ بەردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ «2-ئاينىڭ 4-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىلگىرى بەرگەن تەۋسىيەلەرنى يولغا قويۇشقا چاقىردى ۋە خىتايدىن شىنجاڭ ۋە شىزاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قانۇن سىياسىتى ۋە ھەرىكىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قانداق ئىنكاسى قايتۇرىدۇ؟» دەپ سورىغان سوئالىغا :
ماۋ نىڭ « كىشىلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ھوقۇقى. ھازىر شىنجاڭ ۋە شىزاڭدىكى پۇقرالار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇۋاتىدۇ ، خەلق ئاممىسى تىنچ ۋە بەختىيار تۇرمۇش ئىچىدە ياشايدۇ. بىز يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ، ۋە ئادىللىق ، ئوبيېكتىپلىق ، تەرەپ تاللىماسلىقى ۋە بۇ ئىشلارنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق پرىنسىپىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىشىنى ۋە جۇڭگونىڭ ساغلام تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلىمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق نامىدا جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋە شىزاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار تۆھمەت ۋە يالغان سۆزلەرنى قىلدى. ئۇلار ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇققا قىلچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەقىقى مەقسىتى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى باستۇرۇش ۋە چەكلەش ئىكەنلىكىنى كۆپلىگەن دۆلەتلەر بىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، يۈزلىگەن دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ، شىزاڭ ۋە شياڭگاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە كۆپ تەرەپلىك كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئادىل پوزىتسىيىسى ئارقىلىق بىزنى قوللاپ كەلدى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى پىكىردە بولدى، بۇ ئادالەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى» دەپ جاۋاب بەرگەن .
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان
