Press "Enter" to skip to content

ماۋ نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەردى

 2-ئاينىڭ 19-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە تارقىتىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 2024 يىللىق قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى سورىغان سوئالغا جاۋاپ بەرگەن.

  رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى « ۋولكىسۋاگېن ۋە BASF غا ئوخشاش گېرمانىيىدىكى بىر قىسىم چوڭ شىركەتلەر شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئەنسىرەپ شىنجاڭدىكى تىجارىتىنى قايتا ئويلانماقتا ياكى يۆتكەۋاتىدۇ. خىتاي بۇ خىل ئەندىشىلەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن يەنە نېمە قىلالايدۇ؟ شىنجاڭ ئاخىرىدا غەرب تىجارىتى مۇناسىۋىتىدىن ئايرىلىپ قالامدۇ؟» دەپ سورىغان. 

 ماۋ نىڭ مۇخبىرنىڭ سوىغان سوئالغا جاۋابەن « تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتناشقاندا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك ، بىر قىسىم سىياسىي كۈچلەر شىنجاڭ ھەققىدە بەك كۆپ مىش-مىش پاراڭلارنى تارقىتىپ ، خەلقئارادا بەك كۆپ يالغان ئۇچۇرلارنى پەيدا قىلدى ، ئاتالمىش ​​مەجبۇرىي ئەمگەك ئۇلارنىڭ بىرى. بۇ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك يالغانچلىقنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشتىكى مەقسىتى شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، خىتاينىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى توسۇش. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ ، شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىشىش نى پەيدا قىلماقتا. بۇ پىلان مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ. شىنجاڭ ھازىر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنىي ئىناقلىقتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتى ئۈنۈملۈك قوغدىلىدۇ. بىز ئالاقىدار شىركەتلەرنىڭ پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ ، ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ ، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

  ماۋ نىڭ يەنە باشقا مۇخبىرلارنىڭ سۆزىگىمۇ جاۋاپ بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ۋە يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG