خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ 21-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» لۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە خىتاي ئاخبارات مۇلازىمەت ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ» شۆبىسى ساھىبخانلىقىدا، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، تاجىكىستان ، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 14 ئاساسلىق تاراتقۇنىڭ باشلىقلىرى، 20-چېسلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئالتە كۈنلۈك نەق مەيدان زىيارىتىنى باشلىغان.
زىيارەتچىلەر غۇلجا، قورغاس ۋە باشقا جايلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەققىياتى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە بۇ رايوننىڭ سىرتقا ئېچىۋىتىلشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق ۋە تەشۋىق قىلىدىكەن. ۋە خىتاي-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە، خىتاي ۋە چەتئەل ئاخبارات تاراتقۇلىرى ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق پائالىيىتى ئېىپ بارىدىكەن.
زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى 21-چېسلا غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى ساياھەت رايونىنى زىيارت قىلىش جەريانىدا، بۇ جايدىكى ھەر خىل مىللەتتىن بولغان كىشىلەرنىڭ ئىناق ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ خۇشال بولغانلىقىنى، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ناھايىتى قالتىس بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ جاينى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكى، ۋە بۇ جاينى سۈرەتكە ئېلىپ، بۇ گۈزەل جايلاردىكى تەسىراتىنى خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان
