ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە روسىيەنىڭ ئاخبارات ۋەكىللىرى ئالتايغا زىيارەتكە كەلدى
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: 4-دېكابىر كۈنى، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ئىشخانىسى، خىتاي ئاخبارات مۇلازىمەت ئورگىنىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» شۆبىسى ۋە ئالتاي رايونلۇق ئۇچۇر ئىشخانىسى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە روسىيە ئاخبارات ۋەكىللىرى زىيارىتى» پائالىيىتى ئالتايدا ئۆتكۈزۈلگەن .
بۇ پائالىيەتكە؛ قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، ئۆزبېكىستان ۋە روسىيە قاتارلىق 4 دۆلەتتىن كەلگەن 19 نەپەر ئاخبارات ۋەكىلى ئالتاي رايونىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، بۇ ۋەكىللەر زىيارەت جەريانىدا، سىنلىق زىيارەت ۋە يازما خاتىرە قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئالتاينىڭ ئۆزگىچە مۇز ۋە قار مەنزىرىسى، ئۆزگىچە ساياھەت ئەۋزەللىكى ۋە بۇ رايوندا ياشىغان ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى توغرىسىدا ئىزدىنىش ۋە زىيارەت پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان.
بۇ پائالىيەت 6 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، زىيارەت گۇرۇپپىسى ئالتاي شەھرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ساياھەت رايونلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇ يەردىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى، مۇز ۋە قار ساياھەت بايلىقى ھەمدە بۇ رايوندا ياشايدىغان خەلق ئاممىسى ھەقىقىي تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىقلار بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىقىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» خەلقىنىڭ تىنچ، بەختىيار ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئەينەن يەتكۈزۈپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
