Press "Enter" to skip to content

ئۆزبېكىستان دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەرقىي تۈركىستاندا

  خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزبېكىستان مىللەتلەر ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئۇدا 5 كۈن شەرقىي تۈركىستانىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا ۋە باشقا جايلىرىنى زىيارەت قىلغان.

 ئۆزبېكىستان دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زىيارەت جەريانىدا: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزبېكىستان شىنجاڭ بىلەن ئىقتىساد، سودا، ساياھەت ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىپ كەلدى. بىز شىنجاڭدىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆردۇق. بۇ يەردىكى كىشىلەر بەختلىك ۋە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ شىنجاڭدىكى تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ نەتىجىسى.بىز بۇنىڭدىن كيىنمۇ ئىككى تەرەپنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە داۋاملىق ھەمكارلىشىشىنى ۋە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

 زىيارەت ئۆمىكى قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتكاھ مەسچىتىنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاق مەسچىتنى، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» ۋە باشقا جايلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار بۇ جايلارنى زىيارەت قىلغاندىن خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىجاڭ» نىڭ دىنىي سورۇنلارنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قوللانغان تۈرلۈك تەدبىرلىرىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش تەرەققىيات ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ماختاپ، بۇ رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تارقاتقان سۆزلىرىنىڭ يالغان ۋە تۆھمەت ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG