Press "Enter" to skip to content

پاكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدى

 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پاكىستاننىڭ ھۆكۈمەت ئەزالىرى، ئاخبارات ۋەكىللىرى ۋە مەبلەغ سېلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىقلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلىرىنى زىيارەت قىلغان.

 زىيارەت جەريانىدا پاكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، شەرقىي تۈركىستان رايونى خىتاينىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلىشىدىكى مۇھىم ئستراتېگىيىلىك ئورۇن ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقىنى ئىنتايىن ياخشى تەرەققى قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەمكارلىق تەرەققىياتى پاكىستانغا ئوخشىغان شەرقىي تۈركىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 ئۇلار يەنە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ساياھەت ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررولۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇپ، رادىكاللىقنى تۈگىتىش جەريانىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرشىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG