Press "Enter" to skip to content

 قازاقىستان سودا مىنىستىرى ئارمان شاكالىيېف ما شىڭرۈي بىلەن كۆرۈشتى

خىتاي ھۆكۈمەت تورىنىڭ  3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 18-مارت ئەتىگەندە قازاقىستاننىڭ سودا مىنىستىرى ئارمان شاكالىيېف بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قازاقىستان بىلەن ئىقتىساد ، سودا ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

  يىغىن جەريانىدا ما شىڭرۇي: «قازاقىستان جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا قوشنا بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ھەمراھىمىز. قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ ئېچىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولۇپلا قالماي ، يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە ياخشىلاپ ، ئىقتىسادىي ۋە سودا كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ، پورت ، ئاۋىئاتسىيە ، تۆمۈر يول ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنىڭ قۇلايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى سودىسى ۋە مەدەنىيەت ساياھىتى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز. باشقا ساھەلەردىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، خىتاي-قازاقىستان ئورتاق تەرەققىياتىنى بەرپا قىلىشقا ئاساس سالىمىز ۋە ئالدىمىدىمىزدىكى بۇ ئوتتۇز يىلنى ئالتۇن دەۋرگە ئايلاندۇرىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

  شاكالىيېف: «قازاقىستان بىر بەلۋاغ بىر يول ئورتاق قۇرۇلۇشىدا كۆۋرۈك سۈپىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. قازاقىستان-خىتاي سودىسى ئۆتكەن يىلى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى ، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلىشىنىڭ چېگرا ئېغىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى ۋە زور تۆھپىلەرنى قوشتى. قازاقىستان شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىدۇ. ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، تاموژنا شارائىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ ، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ قازاقىستان مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى يېڭى بىر سەۋىيىگە كۆتۈرىدۇ» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG