خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 8-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دېلىشىچە، شەرقىي تۈركىتساننىڭ قەشقەر رايونىنىڭ 2023-يىلللىق تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى يېڭى رېكورت ياراتقان.
2023-يىلى قەشقەر رايونىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 80 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ ، 83 مىليارد 680 مىليون يۈەنگە يەتكەن. قەشقەر رايونى شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 23.4 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى% 71.2 بولغان. بۇ نىسبەت 2022-يىلىدىكى تاشقى سودىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 25.3 پوئىنت يۇقىرى بولغان.
2023-يىلى قەشقەر رايونى دۇنيادىكى 136 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقان. بۇنىڭ ئىچىدە 77 دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى كۆرىنەرلىك ئاشقان. قەشقەر رايونى قىرغىزىستان ، قازاقىستان ، تاجىكىستان ، پاكىستان ، شياڭگاڭ ۋە تەيۋەندىن ئىبارەت ئالتە چوڭ سودا ھەمراھى بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتىنىڭ ئاكتىپ ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ئېشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا % 55.8 ،% 147.8 ،% 129.1 ،% 0.6 ،% 57.6 ، % 30 بولغان. «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئورتاق بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى% 71 تىن ئاشقان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى% 74.2 تىن ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا «RCEP» «ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونغا» ئەزا دۆلەتلەرگە بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى % 118 ئاشقان.
2023-يىلى قەشقەر رايونىنىڭ ئېكسپورت تاۋارلىرى ئاساسلىقى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلار ۋە ماشىنىسازلىق ۋە ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرى بولۇپ ، ئېشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا% 55.7 ۋە% 103.8 بولۇپ ، رايون تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ% 60 ۋە % 31.3 نى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە توقۇمىچىلىق ، كىيىم-كېچەك ، ئاياغ ۋە ماشىنا زاپچاسلىرىنىڭ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى كۆرۈنەرلىك يۈكسىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا% 52.1 ،% 36.2 ۋە % 120.2 ئاشقان.
2023-يىلى تاشيول ترانسپورتىنىڭ ئومۇمىي ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى% 69.7 ئاشقان. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا تۆمۈر يول ترانسپورتى ۋە ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا% 88.2 ۋە % 46.5 ئاشقان.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان
