Press "Enter" to skip to content

قەشقەر خەلقئارالىق پوچتا ئىدارىسى رەسمىي خىزمەت باشلىدى

خىتاي خەلق تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: 12-نويابىر كۈنى ، قەشقەر خەلقئارا پوچتا ئىدارىسى رەسمىي خىزمەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قەشقەر ۋىلايەتلىك كومىتېت مەمۇرىي ئىشخانىسى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ، قەشقەر تاموژنىسى ۋە باشقا تارماقلارنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى بىلەن ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ جەنۇبىدىكى تۇنجى خەلقئارالىق پوچتا ئىدارىسى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئىلگىرى خەلقئارالىق ئىمپورت-ئېكسپورت پوچتا يوللانمىلىرى ئاۋۋال ئۈرۈمچى ئىشخانىسىغا بېرىپ تەستىقلىنىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يوللىنىدىكەن، ھازىر ئەكسىچە بىۋاستە قەشقەر خەلقئارا پوچتا ئىدارىسىدىن ئۆتۈپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى تىزلا بېجىرەلەيدىكەن ھەمدە بۇ خەلقئارالىق پوچتا ئىدارىسى ئىمپورت-ئېكسپورت تىجارىتىگە تېخىمۇ قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە بۇ قەشقەر خەلقئارا پوچتا ئىدارىسى، قەشقەرنىڭ يېڭى قۇرۇلغان ئۇنۋېرسال سودا رايونىغا جايلاشقان بولۇپ ، يەر مەيدانى تەخمىنەن 2050 كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، قەشقەر خەلقئارا پوچتا ئىدارىسى خىزمەت باشلىغاندىن كېيىن ، قەشقەر رايونىدىكى خەلقئارالىق يوللانمىلارنى يەتكۈزۈش ۋاقتى ئىلگىرىكىدىن، 3..4 كۈن قىسقىرايدىكەن، بۇ خەلقئارالىق پوچتا ئىدارىسى خەلقئارالىق پوچتا يوللانمىلىرىنى بىۋاستە قۇبۇل قىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورگان بولۇپ ، بۇ خىتاي تاموژنىسى تەرىپىدىن بىۋاستە نازارەت قىلىنىدىكەن،

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خەلقئارالىق پوچتا ئىدارىسىنى چېگرا ھالقىغان خەلقئارالىق يوللانمىلارنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا بۇيۇملىرىنىڭ توشۇلۇشىدىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندۇرۇپ، قەشقەرنىڭ چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ۋە قاتناش تورىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ، غەربىي ئاسىيا ، ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپادىكى ئاۋىئاتسىيە ، تاشيول ۋە تۆمۈر يولنىڭ يۆنىلىشلىك ئۇنىۋېرسال ئۈچ ئۆلچەملىك قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرۈشتە غايەت زور پايدىلىنىش رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرماقچى ئىكەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG