Press "Enter" to skip to content

قەشقەردىن-شېنجېنغا بارىدىغان تۇنجى قېتىملىق زەنجىرسىمان پويىز يولغا چىقتى

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: 9-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇنجى قېتىملىق، قەشقەر-شېنجېن يېڭى يېمەكلىكنى سوغۇق ساقلاپ توشۇيدىغان زەنجىرسىمان پويىزى قەشقەر بېكىتىدىن-شېنجېنغا قاراپ يولغا چىققان.

9-ئاينىڭ 5-كۈنى ، 32 ۋاگونلۇق سوغۇق ساقلايدىغان زەنجىرسىمان پويىز 640 توننا قارا ئۆرۈك مەھسۇلاتىنى ئېلىپ، قەشقەر ۋوگزالىدىن- شېنجېندىكى پىڭخۇ ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىققان، بۇ مېۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە سېتىلىدىكەن.

بۇ ئالاھىدە پويىزدىن يولغا چىقىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، قەشقەر شەھىرىدە «يېڭى يېمەكلىكلەرنى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ تۈرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 130 مىليون يۈەن بولۇپ، سوغۇق ساقلاش سىغىمى 30 مىڭ توننا ئىكەن، قەشقەر رايونىدا قۇرۇلغان بۇ ئىسكىلات ئاتالمىش «شىنجاڭ» بويۇنچە ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك زامانىۋى سوغۇق ساقلاش ئىكىلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، بۇ تۈرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ ، قەشقەر شەھىرىنىڭ «يېڭى يېمەكلىكلەرنى سوغۇق ساقلاش » مىقدارى ئىلگىرىكىدىن % 40 ئاشقان.

بۇ قېتىملىق پويىز 640 توننا قارا ئۆرۈك ۋە ئۈزۈم توشۇيدىكەن. بۇ يىللىق توشۇش قېتىم سانىنى شېنجېنغا 4 قېتىم ، شىئەنگە 3 قېتىم بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG