Press "Enter" to skip to content

قىبرىس ئىشچىلار پارتىيىسى ئەزاسى نىكوس شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدى

خىتاي تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە: قىبرىس ئەمگەك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، قىبرىس مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى نىكوس يۈەننۇ Nikos Yuannu شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان.

نىكوس ئۈرۈمچى ، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا ۋە ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرى، ئاتالمىش «شىنجاڭ» مۇزېيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ۋە شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان.

نىكوس مۇنداق دېگەن: قىبرىس بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ مەدەنىيەت ، سەنئەت ، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئورتاقلىقى بار، ھەر ئىككى رايوننىڭ قىممەتلىك تارىخى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى بار، ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت ساياھىتى ، ئىقتىساد ۋە سودا ۋە باشقا ساھەلەردە ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايمىز. بىز قىبرىستىن باشقا دۆلەتلەرگە بارىدىغان ساياھەتچىلەرنى ئاتالمىش «شىنجاڭ»نى زىيارەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز، بىز يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ»دىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قىبرىسقا ساياھەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىمىز دېگەن.

ئۇ يەنە سۆزىدە بەزى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ئوبيېكتىپ پاكىتقا زىت بولۇپ ، ئېنىقكى بۇ بىر يامان غەرەزلىك سىياسىي مەقسەت، مەن غەرب ئەللىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ»نى بىۋاسىتە زىيارەت قىلىشنى ۋە بۇ يەردىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولۇشنى ھەمدە ھەقىقىي ئاتالمىش «شىنجاڭ»نى چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، «مەن قىبرىسقا قايتقاندىن كېيىن، ئالاھىدە بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى قۇرۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ»نى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتىمەن، مەن يەنە ماقالە يېزىپ ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمنى گېزىت ۋە يېڭى تاراتقۇلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى پىلانلاۋاتىمەن دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG