Press "Enter" to skip to content

قىرغىزىستان پوچتا پاي چەكلىك شىركىتى قەشقەر رايونىغا كىردى

 خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، قىرغىزىستان پوچتا پاي چەكلىك شىركىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى» نىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشقان.

  قىرغىزىستان پوچتا پاي چەكلىك شىركىتى قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك ئىستراتېگىيىلىك كارخانىسى.

بۇ شىركەت ئەنئەنىۋى پوچتا مۇلازىمىتىدىن باشقا ، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى ، ياۋروپا بىرلەشمىسى ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق بازارلارنىمۇ تەمىنلەيدىكەن.

 24-چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىدا ، قىرغىزىستان بىدېكان « Bidekan» چەكلىك شىركىتى ۋە  ئاتالمىش «شىنجاڭ» يىخۇا ئىمپورت-ئېكىسپورت سودا چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

  قەشقەر ئۇنىۋېرسال رايون باشقۇرۇش كومىتېتى قىرغىزىستان يەر شارى تەقسىملەش چەكلىك شىركىتى، قىرغىزىستان بىدېكان « Bidekan» چەكلىك شىركىتى ۋە قىرغىزىستان ئاقنىت پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش شىركەتلىرى بىلەن ئايرىم ئايرىم ھالدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG