Press "Enter" to skip to content

 قورغاس چىگراسىدىن كىرىپ-چىققان كىشىلەرنىڭ سانى 200 مىڭدىن ئاشقان

  خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋرىدە بىلدۈرىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە شەرقىي تۈركستاندىكى ھەرقايسى چېگرا رايونلاردىن چەتئەلگە چىقىپ-كىرگەنلەرنىڭ سانى كۆرىنەرلىك ئاشقان. قورغاس چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە قورغاس چېگراسىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە كىرىپ-چىققان كىشىلەرنىڭ سانى 220 مىڭغا يەتكەن، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن% 211 ئاشقان. ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقلار تېخىمۇ قولايلاشقان بولۇپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈرۈلگەن. قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن كىرىپ-چىققان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ھەر كۈنى 1600 دىن 3000 ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى بارلىق چېگرا پورتلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

 ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جېمىنەي چېگراسىدىكى خادىملاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جېمىنەي چېگراسىدىن كىرىپ-چىققان ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 18 مىڭدىن ئېشىپ ، 2019-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا % 267 ئاشقان. جېمىنەي پورتىدىكى چېگرا ھالقىغان سودا، تۇغقان يوقلاش، ساياھەت، ئوقۇش ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن چېگرادىن كىرىش-چىقىش پائالىيىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. چېگرادىن كىرىپ-چىقىقان يولۇچىلارنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، جېمىنەي چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ۋە خىتاي پاسپورتلۇق پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىش تەكشۈرۈشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چەتئەللىك يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن  ئۇلارنىڭمۇ ئۇچۇرلىرىنى تەپسىلى تىزىملاپ، يولۇچىلارنىڭ  ۋە چېگرا رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە  ئالاھىدە كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG