Press "Enter" to skip to content

قورغاس تەبئىي گاز ساقلاش پونكىتى 500 مىليوندىن ئارتۇق  خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ

 خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك تەبىئىي گاز قوبۇل قىلىش ۋە توشۇش  گۇرۇھىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا، قورغاس تەبئىي گاز ساقلاش پونكىتى ھازىرغا قەدەر 500 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز توشىغانلىقىنى، ۋە بۇ  تەبئىي گازنىڭ  خىتايدىكى  27 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شياڭگاڭ قاتارلىق جايلارغا توشۇلۇپ، 500 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

 شەرقى تۈركىستاندىكى قورغاس تەبىئىي گاز ساقلاش ۋە تارقىتىش پونكىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي گازىنى خىتاينىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ رايوندىن توشۇلغان 500 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز، تەخمىنەن 666 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئالغان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG