خىتاي مەركىزى خەۋەر تورىنىڭ 23-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى 23-نويابىردىن 26-نويابىرغىچە ئۈرۈمچىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2023-يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرى يىغىنىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىكەن.
خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ، باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەلچىلەر ، ئالاقىدار خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەم ھەرقايسى ئاخبارات مۇخبىرلىرى بۇ يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.
بۇ يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ساياھەت مۇنبىرى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىكى ساياھەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتى» قاتارلىق مۇھىم تېمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنلىرى ئېچىلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ، ئۈرۈمچى شەھىرى ، تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ئالتاي، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە باشقا جايلارغا بېرىپ زىيارەت قىلىدىكەن.
بۇ يىل 3-ئايدا ، خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ساياھەت تارماقلىرى رەھبەرلىرى يىغىن ئېچىپ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ساياھەت ھەمكارلىقى، ئۆز-ئارا تەرەققىيات كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە پائالىيەت پىلانى» قاتارلىق لاھىيەلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ رەسمى يولغا قويغاندىن بۇيان، خىتاي بۇ پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر-ئارا ساياھەتچىلىك كەسپىنى يولغا قويۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن.
