Press "Enter" to skip to content

 شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچىدە

  خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋرىدە دېيىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى «خىتاي كۆۋرۈكى» نامىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن ياش-ئۆسمۈرلەر «باھار لاگېرى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاتالمىش «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» دا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە روسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئىران قاتارلىق 8 دۆلەتتىن كەلگەن 500 گە يېقىن ياش ئوقۇغۇچىلار، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەزالىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى ۋە ئىران ، پاكىستان ، ئۆزبېكىستان ۋە باشقا دۆلەتلەر ئەلچىخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ قاتناشقان.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىم نۇتۇق سۆزلەپ بۇ ئەتىيازلىق لاگېر ياشلارنىڭ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئۇچۇر ۋە پىكىر تارقىتىشتىكى خەلقئارالىق سۇپا بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ زىيارىتىدىكى شەخسىي كەچۈرمىشلىرىنى دوستلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بۇ زىيارەتكە قاتناشقانلارنىڭ كىشىلەر بىلەن ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،  ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، بۇ جايدىكى كىشىلەر بىلەن مۇستەھكەم رىشتە ئورنىتىپ، ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تەشۋىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ مالىيە ۋە ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنى» قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

يىللاردىن بېرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىتاينىڭ ئۆلكىرىلىگە زىيارەت قىلدۇرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم نىشانىنى شەرقىي تۈركىستانغا قارىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيارەت پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ، بۇ رايوننىڭ تەشۋىقاتىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG