ئاتالمىش «شىنجاڭ» گېزىتى تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيلىشىچە: 1-يانۋار كۈنىدىن باشلاپ ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ» دا بەشىنچى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىساد تەكشۈرۈش ۋە تىزىملاشنى باشلىغان.
1-يانۋاردىن ئاپرېل ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە، شەرقىي تۈركىستان رايوندا بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 38 مىڭدىن ئارتۇق تەكشۈرۈش خادىمى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كەسىپ پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بارلىق كەسىپلەشكەن ئورگان ۋە شەخسلەر، پائالىيەت ئورۇنلىرى ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن ئائىلىلەر قاتارلىق پۈتۈن ساھەنى تەكشۈرۈپ-تىزىملايدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىقتىساد تەكشۈرۈش ئاساسلىق مەزمۇنى ۋە تەكشۈرۈش ئوبىيېكتى بولسا، تەشكىلىي قۇرۇلما، خادىملارنىڭ ئىش ھەققى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئەھۋالى، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئەھۋالى، تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى، ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا-تىجارەتلىرىنىڭ مالىيە ئەھۋالى قاتارلىق ئورگانلارنى نىشان قىلغان بولۇپ، يەنە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسى، مەھسۇلات ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنىمۇ تەپسىلى تەكشۈرۈپ تىزىملايدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىقتىساد تەكشۈرۈش ۋە تىزىملاش خىزمىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» نى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى تولۇق، توغرا ۋە ئەتراپلىق يولغا قويۇپ ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە تەرتىپنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئاساسىي ۋەزىپە قاتارىدا ئورۇن ئالغان.
ئانالىزىچىلەرنىڭ دېيىشىچە: خىتاي بۇ ھۆكۈمىتى قېتىملىق ئىقتىساد تەكشۈرۈش ۋە تىزىملاش باھانىسىدا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى يەنە بىر قېتىم كونترول قىلىپ ۋە تىزگىنلەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىقتىسادتىن ئايرىپ تېخىمۇ باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.