خىتاي تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ 23-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ئىشخانىسى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسى» نىڭ 2023-يىلدىكى پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «QTT» دەپ ئاتىلىدىغان رادىئو تېلېسكوپى تۈر قۇرۇلۇشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سانجى رايونى گۇچۇڭ ناھىيىسىدە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش ئومۇمىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى مۆلچەرلىنىشىچە 2028-يىلى تاماملىنىپ ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە QTT رادىئو تېلېسكوپى خىتاينىڭ دۆلەت خەزىنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى تۇنجى چوڭ ئىلمىي تەتقىقات ئۇل ئەسلىھە تۈرى بولۇپ، ئورۇن جەھەتتە دۇنيا دەرىجىلىك كۆزىتىش ئورنىغا ئىگە قۇرۇلۇشلاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ تېلېسكوپىنىڭ دىئامېتىرى 110 مېتىر بولۇپ يۆتكىلىشچان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن. تېلېسكوپنىڭ سەزگۈرلىكى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، پەن-تېخنىكا جەھەتتە دۇنياۋى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئومۇمىي ئىقتىدارلىق رادىئو تېلېسكوپى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ تۈر ئاساسلىقى نۇر قايتۇرغۇچ ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى كەڭ بەلۋاغلىق سانلىق مەلۇمات قوبۇل قىلىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى يادرولۇق ئۇچۇر يوللاش تېخنىكىسى ئارقىلىق تېلېسكوپنىڭ ئىقتىدارىنى، كۈچلۈك كۆزىتىش، ئۆلچەش ۋە ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.
رادىئو تېلېسكوپى قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ توغرا يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشچان رادىئو تېلېسكوپى ئورنىنى ئېلىپ، بۇ تېلېسكوپ ئارقىلىق دۇنيانىڭ تارتىش كۈچى دولقۇنى ۋە قارا ئۆڭكۈر قاتارلىق ساھەلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دۇنياۋى كۆزىتىش سۇپىسىغا ئايلىنىدىكەن. بۇ ئارقىلىق ئاسمان جىسىملىرى ۋە ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى، رادىئو ئاسترونومىيە ۋە ئاسترونومىيىلىك گېئو دىنامىكىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشۇدىكەن، ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئالەم تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە زۆرۈر بولغان روللارنى ئوينايدىكەن.
رادىئو تېلېسكوپى قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشى خىتاينىڭ ئالەم كېمىسى ئېنىق ئوربىتىسىنى ئېنىقلاش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلىش ۋە يەتكۈزۈش قاتارلىق رىقابەت كۈچىگە ئىگە پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە دۇنياۋى كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىكەن. ئۇ كەلگۈسىدە خىتاي ئالەم بوشلۇقى پائالىيىتىگىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغان بولۇپ، مەسىلەن ئاي چارلاش تۈرلىرى ، مارس ، كىچىك سەييارىلەر ۋە قۇياش سىستېمىسى قاتارلىقلارنىمۇ كۈچلۈك تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان
