Press "Enter" to skip to content

شەرقىي تۈركىستاندا دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان كوبالت مېتال كانى بايقالدى

 خىتاي كانچىلىق سانائىتى تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ ئالتاي تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىگەن بىر خەۋەردە ، كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال چېتىدىكى  بىر رايوندا دۇنيادا ئاز تېپىلىدىغان «كوبالت مېتال» بايلىقىنى كانى بايقالغان.

  چارلاش خىزمىتىگە مەسئۇل خىتاي گېئولوگىيە ۋە قېزىلما بايلىقنى چارلاش ئىدارىسىنىڭ تۆتىنچى گېئولوگىيە چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق خادىملىرى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيىسىدىكى «مىس-ئالتۇن-كوبالت» كېنىنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال چېتىگە جايلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ كاندىن دەسلەپكى قەدەمدە 15 خىلدىن ئارتۇق (مىس، ئالتۇن، كوبالت) رۇدىسى گەۋدىسى بايقالغان بولۇپ،  بۇنىڭ ئىچىدە 9 ئالتۇن رۇدىسى گەۋدىسى ۋە 6 (مىس-ئالتۇن ۋە كوبالت) رۇدىسى بار ئىكەن، تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ، 3- ، 4-ۋە 6-نومۇرلۇق كان بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي يەكۈنلەنگەن رۇدا مىقدارى 38 مىليون 389 مىڭ توننا ، بۇنىڭ ئىچىدە 148 مىڭ 500 توننا مىس مېتال ، 11.22 توننا بىرىكمە ئالتۇن مېتال ۋە 7429.11 توننا بىرىكمە كوبالت مېتال بايقالغان.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كوبالت كەم ئۇچرايدىغان ماگنىتلىق قاتتىق مېتال بولۇش سۈپىتى بىلەن ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا يۇقىرى كۈچنى ساقلاپ قالالايدىكەن ، ئىسسىقلىق ۋە ئېلېكترنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى تۆۋەن ۋە كۈچلۈك ئېلېكتر ماگنىت كۈچىگە ئىگە بولۇپ ، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ، ماشىنا ياساش ۋە باشقا ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدىكەن.

   كوبالت رۇدىسى بايلىقى بىرقەدەر ئاز تېپىلىدىغان مېتال بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ، ئۇنىڭ بازار ئېھتىياجى داۋاملىق ئۆرلىمەكتە ئىكەن، خىتاي تېخنىكىلىق خادىملىرىنىڭ دېيىشىچە بۇ مېتالنىڭ تەرەققىياتى ۋە قوللىنىش ئىستىقبالى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG