Press "Enter" to skip to content

شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 49cº گرادۇسقا يەتكەن

  خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، 15-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يىتىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي مېتېئورولوگىيە ۋە ئاپەت جىددىي قوماندانلىق مەركىزى ،بۇ تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارىتا 3-دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

  2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتىگەندە ئاتالمىش «شىنجاڭ» مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى قار-شىۋىرغان، كۈچلۈك شامالغا ۋە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىغا قارىتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بولۇپ، قۇم-بورانلىق ئاپەت ۋە مۇز تۇتقان يوللار ئۈچۈنمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقارغان. بۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ» مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا بەش خىل ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى تارقىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

  16-چېسلادىن 17-چېسلاغىچە ، ئېلى ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرى ، پامىر تېغى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى قۇمۇل شەھىرىنىڭ بەزى رايونلىرىدا شىۋىرغانلىق قار ياغقان بولۇپ، بەزى رايونلاردىكى قارنىڭ قېلىنلىقى 49 سانتىمېتىردىن ئېشىپ، بۇرچىن ناھىيىسىدە قارنىڭ قېلىنلىقى 2.14 مېتىرغا يەتكەن. ئالتاي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئالتاي ۋىلايەتلىك كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 49cº گرادۇسقا يەتكەن.

  بۇ ناچار ھاۋارايى ۋە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدىكى قاتناشقىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، 2-ئاينىڭ 16-كۈنىگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلقئارا ۋە خىتاي ئۆلكىلىرى ئارىلىقىدىكى تاش يوللارنىڭ بىر قىسىم بۆلەكلىرىدە ۋاقىتلىق قاتناش كونترول قىلىش يولغا قويۇلغان. ئاتالمىش «شىنجاڭ» تۆمۈر يول تارماقلىرى بىر قىسىم يولۇچىلار پويىزىنى 16-فېۋرالدىن 18-فېۋرالغىچە توختىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، كونكرېت ئەسلىگە كېلىش ۋاقتىنى تېخىچە بېكىتمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG