Press "Enter" to skip to content

 شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليون كىلوۋاتلىق ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى تورغا ئۇلانغان

 خىتاي مەركىزى خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋرىرىدە دېيىلىشىچە، 28-مارت كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2024-يىلدىكى تۇنجى مىليون كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈر خىتاينىڭ ئېنېرگىيە تورىغا ئۇلانغان.  بۇ تۈر شەرقىي تۈركىستاندىكى رايون ھالقىغان تۇنجى يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 بۇ قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 231 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، 150 تىن كۆپرەك تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق شامال ئېنېرگىيسى ماتورى  سەپلەنگەن. بۇ تۈر 300 مىڭ كىلوۋات سائەتتىن 1 مىليون 200 مىڭ كىلوۋات سائەتكىچە بولغان ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتر ئىستانسىسىنى قوللايدىكەن. بۇ تۈر شامال بايلىقىدىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىشنى قولغا كەلتۈرگەن.

 بۇ تۈر رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، ئۇ ھەر يىلى تەخمىنەن 3 مىليارد كىلوۋات سائەت توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن.  بۇ ھەر يىلى تەخمىنەن 900 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ، كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى تەخمىنەن 2 مىليون 800 مىڭ توننا ئازايتقانغا باراۋەر ھېسابلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG