Press "Enter" to skip to content

شەرقىي تۈركىستاندىن-ئىتالىيەگە «تۈمۈر يول ۋە دېڭىز يولى» لىنىيىسى يولغا قۇيۇلدى

  خىتاي مەركىزى خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 17-كۈنى 82 كونتېينېر ئۆي-جاھازىلىرى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بېسلغان پويىزى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جىڭ ناھىيەسى خەلقئارا پورتىدىن يولغا چىققان. بۇ پويىز قورغاس چىگراسىى ئارقىلىق قازاقىستانغا ئۆتۈپ، تەخمىنەن 8500 كىلومېتىر يولنى بېسىپ، 20 كۈن ئىچىدە ئىتالىيەنىڭ سالېرنوغا شەھىرىگە يېتىپ بارىدىكەن.

  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە، بۇ «تەڭرىتاغ» ناملىق خەلقئارا پويىزىنىڭ نورمال ۋە مۇقىم مەشغۇلاتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇ پويىز «تۆمۈر يول ۋە دېڭىز» قاتارلىق كۆپ شەكىللىك توشۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغان بولۇپ،  پويىزنىڭ دەل ۋاقتىدا مەنزىلگە يىتىپ بېرىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پويىز بېسىپ ئۆتىدىغان يول ئۈستىدىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ئالدىن كۆرۈشۈپ، پويىزنىڭ توختىتىلماسلىقى ۋە تۇتۇپ قېلىنماسلىقىغا ۋە پويىزنىڭ بىۋاسىتە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.

  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چەتئەللەرگە ئېكسپورت قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەددى ھېسابى يوقلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئەمما خىتاينىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا پەقەت ھازىرغا قەدەر ۋەتىنىمىزنىڭ جىڭ ناھىيەسى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىدىنلا 4 مىليون 960 مىڭ توننا يۈك ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، سودا مىقدارى تەخمىنەن 4 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئاشقان. 

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG