Press "Enter" to skip to content

شەرقىي تۈركىستاندىن 51 مىليون 709 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇلدى

خىتاي ئىقتىسادىي كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىنىڭ 22-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ كۆمۈرگە بولغان ئىستېمال تەلىپى داۋاملىق ئۆرلىگەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ» تۆمۈر يول تارماقلىرى قىش پەسلىدىكى تۆۋەن ھاۋارايى پەسلىدە، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە بولغان تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ ، ئېنېرگىيە شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە كۆمۈر توشۇش سۈرىتىنى تېخىمۇ تىزلىتىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن، ھازىرغا قەدەر توشۇلغان كۆمۈر مىقدارى 51 مىليون 709 مىڭ توننىغا يېتىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 7.7 ئاشقان.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ۋەتىنىمىزنىڭ كۆمۈر بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بايلىقلىمىزنى ھەر كۈنى دېگىدەك مۇقىم پويىز بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە شىددەت بىلەن يۆتكەۋاتىدۇ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» تۆمۈر يول تارماقلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بىۋاسىتە كۆمۈر توشۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرغان بولۇپ، گەنسۇ ، چېڭدۇ ، چۇڭچىڭ ، گۈيجۇ قاتارلىق جايلارغا ئەڭ تىز سۈرەتتە كۆمۈر يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ» تۆمۈر يول تارماقلىرى: ئالاقىدار زاۋۇت، كارخانىلار ۋە يۈك توشۇش مەركەزلىرى بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ ، ھەر بىرى ئەڭ ئاز بولغاندا 45 ئالاھىدە كۆمۈر توشۇش پويىزى تەشكىللەپ ، كۆمۈرنىڭ توشۇلۇش مىقدارى ۋە سۈپىتىنىڭ ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.

http://www.ce.cn/xwzx/gnsz/gdxw/202311/22/t20231122_38801875.shtml

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG