خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 6-چېسلادىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك خىتاي-ياۋروپا يۈك پويىزى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن يولغا چىقىپ ، قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە يېتىپ بارىدىكەن. بۇ پويىز 47 يۈرۈش كونتېينېر يۈكنى توشۇپ ماڭالايدىغان بولۇپ، ئومۇمىي يۈك توشۇش مىقدارى 797.7 توننا ئىكەن، بۇ پويىزنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 7-مارت ئالمۇتاغا يېتىپ بېرىشى پىلانلانغان.
بۇ پويىز 35 سائەت 24 مىنۇتلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارىدىغان بولۇپ. بۇ ئادەتتىكى خىتاي-ياۋروپا پويىزلىرىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بېرىش ۋاقتىدىن % 60 پىرسەنت قىسقا بولىدىكەن. بۇ خىتاي-ياۋروپا پويىز لىنىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچى-قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا تولۇق باغلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېيىشىچە بۇ پويىزنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرقايسى قاتناش بۆلەكلىرى ئارىسىدا قاتناش ۋاقتى تېخىمۇ مۇقىم بولۇپ ، يۈك توشۇش مىقدارى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلگەن، بۇ پويىزىنىڭ خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا سودىلارنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمدە ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدا يۈك پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يېڭى بىر باسقۇچقا باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان