Press "Enter" to skip to content

شەرقىي تۈركىستاننىڭ GDP سى 1 تىرىليون 900 مىليارد يۈەندىن ئاشقان

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋرىدە دېيىلىشىچە، 31-يانۋار ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ ، 2023-يىلى بۇ رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.

بۇ رايوننىڭ «رايون ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بىر تۇتاش بوغالتىرلىق نەتىجىسىگە قارىغاندا ، 2023-يىلى ، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 912،591 يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا % 6.8 ئاشقان.

2023-يىلى ، بۇ رايوندىكى دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق ، باقمىچىلىق ۋە بېلىقچىلىقنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 564 مىليارد 825 مىليون يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا % 6.5 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشلىق تېرىش كۆلىمىنىڭ ئېشىشى ۋە مەھسۇلاتنىڭ ئېشىشى خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىغان.

سۇ مەھسۇلاتلىرى مىقدارى 183 مىڭ 900 توننا بولۇپ ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا % 6.3 ئاشقان.

سانائەت مەھسۇلاتلىرى قوشۇلما قىممىتى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا % 6.4 ئېشىپ ، ئېشىش سۈرئىتى دۆلەت سەۋىيىسىدىن % 1.8 پوئېنت يۇقىرى بولغان.

يۈك توشۇش مىقدارى 1 مىليارد 433 مىليون توننا بولۇپ ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا% 18.6 ئاشقان، يولۇچىلار توشۇش مىقدارى 252 مىليون بولۇپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا% 74.9 ئاشقان.

ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 384 مىليارد 960 مىليون يۈەن بولۇپ ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا% 18.8 ئاشقان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG