Press "Enter" to skip to content

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى 96 مىليارد 330 مىليون يۈەن بولغان

خىتاي ئىقتىساد كۈندىلىك تورىنىڭ 2024-يىل 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە دېيلىشىچە، 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2024-يىلى بىرىنچى پەسىلدىكى تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.

 ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ بۇ يىللىق ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا 2024-يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 93 مىليارد 630 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 42.7 ئېشىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 37.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. ئېشىش نىسبىتى خىتاي  بويىنچە ئىككىنچى بولغان.

 خىتاي بىرىنچى پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاندا 193 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا مۇناسىۋىتى ئورناتقان.  بۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن ئىمپورت-ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا% 58.8 ۋە% 1.9 ئاشقان. 3-ئايدا شەرقىي تۈركستاننىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 29 مىليارد 950 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 27.3 ئېشىپ، خىتاينىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 28.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG