Press "Enter" to skip to content

 شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاستا چېگرا ھالقىغان ساياھەت مودا بولۇشقا باشلىغان

 خىتاي ئىقتىسادىي خەۋەرلەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە، يېقىندا «خىتاي-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى» نىڭ يېڭى گۇۋاھنامە ئىلتىماس قىلىش زالى كېڭەيتىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ زالغا 8 يېڭى كىنىشكا بېجىرىش كۆزنىكىنى قوشۇلغان. بۇ جايدا ھازىر جەمئىي 50 تىن كۆپرەك ئىش بېجىرىش كۆزنىكى بار ئىكەن. بۇ جاينىڭ كۈندىلىك يولۇچى كۈتۈۋېلىش سانى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن.

 بۇ «خىتاي-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى» خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 5.6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ رايون خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەر خىل بايراملار، خەلقئارالىق پائالىيەتلەر، خەلقئارالىق مۇنبەر سودا يەرمەنكىسى قاتارلىقلار ۋە خىتاي-قازاقىستان-ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە سودا ھەمكارلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇھىم سەھنىگە ئايلانغان.

 ئىگىلىنىشچە، «خىتاي-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى» بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خەلقئارا ھالقىغان ئىمپورت-ئېكسپورت  مىقدارنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە،  چېگرا ھالقىغان ساياھەت كەسپىنىمۇ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن. قورغاس شەھىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جەمئىي 1 مىليون 380 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 10.07 ئېشىپ، ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 355 مىليون يۈەندىن ئاشقان. بۇ رايون چېگرا ساياھىتى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت ۋە مال سېتىۋېلىش ساياھىتىنىڭ مودا ئېقىمىغا ئايلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG