خىتاي خەلق تورىنىڭ 11-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ ئالدىنقى ئون ئايدىكى تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 287 مىليارد 330 مىليون يۈەندىن ئاشقان.
مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى ، ئۈرۈمچى تاموژنىسى بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچ ئاتالمىش «شىنجاڭ»نىڭ تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى ئون ئايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 287 مىليارد 330 مىليون يۈەن بولۇپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 48.9 ئاشقان ، بۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 48.9 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولغان، بۇيىل ئۆكتەبىردە ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى 34 مىليارد 530 مىليون يۈەنگە يېتىپ ،% 56.2 ئاشقان.
ئاتالمىش «شىنجاڭ» رايونى «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان، ئوچۇق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە تاشقى سودىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئۈلگىلىك رول ئوينىغان.
بۇ ئالدىنقى 10 ئاي ئىچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ جەنۇبىدا ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ سۈرئىتى شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ۋىلايىتى تاشقى سودا كۆلىمى جەۋەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 120 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ ،% 100.1 پىرسەنت ئاشقان.