Press "Enter" to skip to content

 تارىم نېفىتلىكى خىتاينى 350 مىليارد كۇب مېتىر گاز بىلەن تەمىنلىگەن

  خىتاي ھۆكۈمەت تورىنىڭ 25-مارتتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم نېفىتلىكىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارى 350 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشقان. بۇ تەبىئىي گاز تۇربا يوللىرى خىتاينىڭ 15 ئۆلكە ۋە رايونلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق 120 دىن ئارتۇق شەھەردىكى 400 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگەن.

 مۆلچەرلىنىشىچە، تارىم نېفىتلىكىدىن ئىشلەپچىقارغان ۋە توشۇلغان 350 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز 466 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئالغان بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە قۇيۇپ بېرىلىدىغان كاربون تۆت ئوكسىدنى 757 مىليون توننا ئازايتقانغا باراۋەر بولىدىكەن.

 خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقلىرىنى خىتايغا يەتكۈزۈش تۈرىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكىدە ئىككى تىرىليون كۇب مېتىردىن چوڭ تەبىئىي گاز رايونىدىن ئىككىنى قۇرۇپ، بۇ رايوندا 19 چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى تەبىئىي گاز تۈرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ بۇ بايلىقلارنى خىتايغا توشۇغان. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرىنىڭ ئۇدا تۆت يىللىق ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى 30 مىليون توننىدىن ئاشقان. شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا توشۇلىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورىنىڭ كۈندىلىك گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 2023-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا 50 مىليون كۇب مېتىردىن ئېشىپ، قىش پەسلىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە  74 مىليون 830 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەن. خىتاي نېفىتلىكىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە 2023-يىلى ئومۇمىي گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 24 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ يېڭى رېكورت ياراتقان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG