Press "Enter" to skip to content

تۆمۈر يول تارماقلىرى 178 مىليون توننا توشۇش توختامى ئىمزالىدى

خىتاي ئىقتىساد تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ، خىتاي تۆمۈر يول ئۈرۈمچى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچىدە 2024-يىللىق ئىستراتېگىيىلىك خېرىدار چاقىرىش ۋە ئىمزا قويۇش يىغىنى ئاچقان.

خىتاي تۆمۈر يول ئۈرۈمچى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، 31 كارخانا ۋە ئورۇنلار بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان، توختامدا دېيىلىشىچە 2024-يىلى ئومۇمىي توشۇش مىقدارىنى 178 مىليون توننىدىن ئاشۇرىدىكەن، بۇ مىقدار بويۇنچە ھېسابلىغاندا توشۇش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 10.9 ئاشىدىكەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» تۆمۈر يول تارماقلىرى قاتناش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىنىڭ يادرولۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، 12-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە 200 مىليون 100 مىڭ توننا يۈك توشۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يىللىق ۋەزىپىسىنى بۇلتۇرقىدىن 13 كۈن بۇرۇن تاماملىغان.

ئاتالمىش خىتاي «شىنجاڭ» تۆمۈر يول تارماقلىرى، ئېنېرگىيە بايلىقىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك قوللاش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ، كۆمۈر ، رۇدا ، پولات-تۆمۈر قاتارلىق كۆپ خىل ماتېرىياللارنى توشۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەمدە قەرەللىك ماسلاشتۇرۇش يىغىنى چاقىرىپ، تەمىنلەشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ساقلاش ۋە ئىستېمال قىلىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى مۆلچەرلەش، شۇنداقلا توشۇش مىقدارى قاتارلىق جەھەتتە تېخىمۇ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG