Press "Enter" to skip to content

تۈركىيەدىن كەلگەن ئىقتىساد ۋە سودا ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىدە

  خىتاي تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنى بىلدۈرىشىچە،  31-يانۋار كۈنى  ئاتالمىش «شىنجاڭ» خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشى ساھىبخانىلىق قىلغان خىتاي (شىنجاڭ) كارخانىلىرى-تۈركىيە ئىقتىساد سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ھەمكارلىق ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

  تۈركىيەدىن كەلگەن 50 كە يېقىن شىركەتنىڭ ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن يېمەك-ئىچمەك ، توقۇمىچىلىق ، كىيىم-كېچەك، ئېغىر ۋە يىنىك سانائەت، قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورنىتىپ ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش ھەققىدە ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورناتقان.

 شەرقىي تۈركىستان «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» نىڭ يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي-تۈركىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيە بىلەن تۈرلۈك ساھەلەردە قويۇق ئالاقە باغلاپ ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىپ كەلگەن ئىدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىملىق ئىككى يىغىندىن كېيىن، ئىككى تەرەپتىكى كارخانا ۋە گۇرۇپپىلار يېقىندىن ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، دەسلەپكى ئالاقە مېخانىزمى ئورناتقان.

 سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، 2023-يىلى شەرقىي تۈركىستان-تۈركىيە ئارىسىدىكى ئومۇمىي ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارى 730 مىليون يۈەنگە يىتىپ ، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت سوممىسى 670 مىليون يۈەندىن ئاشقان، ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى بولسا 600 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  ھەمكارلىق يىغىنى جەرياندا، تۈركىيە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ئېلاز ئالۋاران «تۈركىيە بۇ رايوندىكى پاختا ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، كۆكتات ، مېۋە-چېۋە، سۈت ۋە گۆش مەھسۇلاتلىرى، مىنېرال ماددىلار ۋە باشقا بايلىقلارغا  ئالاھىدە قىزىقىدۇ. بۇ رايوننىڭ ئىنتايىن مۇھىم جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى بار، بىز شىنجاڭ  ئارقىلىق خىتاي بازىرىغا ئىشىك ئېچىشنى ۋە بۇ رايوندىكى كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلىمىز ، بۈگۈنكى يىغىن ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ  ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG