Press "Enter" to skip to content

ئۈرۈمچىدە خىتاي-ئۆزبېكىستان مەدەنىيەت ساياھەت ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

خىتاي تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: 23-نويابىر، ئۈرۈمچىدىكى خوڭگۇاڭ تېغى مەنزىرە رايونىدا خىتاي-ئۆزبېكىستان مەدەنىيەت ساياھەت ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ» تيەنجىن كارخانا بىرلەشمىسى (سودا ئۇيۇشمىسى) ساھىبخانلىق قىلغان بولۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت باشقارمىسى، سودا سانائەت ۋە سودا بىرلەشمىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ۋەكىللىرى قاتناشقان، يىغىندا ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ئەربابلىرى ، كارخانا ۋە سودا جەمئىيەتلىرى ئەزالىرى نۇتۇق سۆزلىگەن.

يىغىن جەريانىدا خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ» تيەنجىن سودا ئۇيۇشمىسى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز-ئارا كېلىشىم ئىمزالىغان، بۇ كېلىشىمدە: ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سودا-تىجارەتنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، ھەرقايسى جەھەتلەردە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىپ بىرلىكتە تەرەققى قىلىش پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

https://www.ts.cn/xwzx/jjxw/202311/t20231124_17520918.shtml
Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG