Press "Enter" to skip to content

ئۈرۈمچىدە خىتاي فېدېراتسىيەسى 8-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

  بېيجىڭ خەلق گېزىتى تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن ۋەكىللەر ۋە چەتئەلدە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن، ئاتالمىش «خىتاي فېدېراتسىيىسى سەككىزىنچى نۆۋەتلىك ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىنى» نى چاقىرىپ، 2023-يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسە قىلىپ دوكلات بەرگەن. چەتئەلدە ياشايدىغان خىتايلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى يىغىننىڭ روھىغا ئاساسەن 2024-يىلدىكى يېڭى خىزمەت ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن:« 2024-يىلى چەتئەلدىكى خىتاي فېدېراتسىيىسى پارتىيىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى تولۇق يولغا قويۇپ ، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئاڭ لىنىيىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، چەتئەلىدىكى خىتاي تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق جۇڭخۇا سۆيگۈسى، شىنجاڭ ھېكايىسى ۋە گۈزەل شىنجاڭ قاتارلىق تەشۋىقاتلارنى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان چەتئەللىك سودىگەرلەر ۋە كارخانىچىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى تەسىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك.»

  يىغىن ئاخىرىدا 2024-يىلىنىڭ خىتاينىڭ «14-بەش يىللىق پىلان» نىڭ ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىشىدىكى ھالقىلىق بىر يىل ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، ئاتالمىش«شىنجاڭ» خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ رايوننى خىتايچە ئۇسلۇبتا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماستىن ئالغا ئىلگىرىلەش ھەققىدە بىر قاتار يول-يورۇقلار بېرىلگەن. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا چەتئەلدە ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭمۇ ئاكتىپ خىزمەت.كۆرسىتىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG