Press "Enter" to skip to content

ئۈرۈمچىدىن موسكۋاغا بىۋاستە تۇنجى يۈك ئاۋىئاتسىيەسى ئېچىلدى 

 خىتاي مەركەز تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدىن-موسكۋاغا تۇنجىقېتىملىق  دائىملىق يۈك توشۇش ئايروپىلانى يولغا چىققان.

  ئىگىلىنىشچە،  ئۈرۈمچىدىن-موسكۋاغا  بىۋاستە قاتنايدىغان دائىملىق خەلقئارالىق يۈك لىنىيىسىنى، ئۈرۈمچى ئايرودرومى گۇرۇھى تيەنيى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك شىركىتى ھۆددىگەرلىك شىركىتىنىڭ قوماندانلىقىدا باشقۇرۇلىدىكەن، بۇ ئايروپىلان IL-76 تىپلىق يۈك ئايروپىلانى بولۇپ، 45 توننا ئېغىرلىقتىكى يۈكنى توشۇپ ماڭالايدىكەن، بۇ لىنىيىدىن ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش خام ئەشياسى، ماشىنا زاپچاسلىرى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قاتارلىقلار مەھسۇلاتلار توشۇلىدىكەن ئىكەن.

 خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچىدىن روسىيىگە بارىدىغان قەرەللىك يۈك ترانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى يولغاقويۇش ئارقىلىق، يىپەك يولى ھاۋا يوللىرىنى تېخىمۇ  كېڭەيتىپ، كېيىنكى قەدەمدە، ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىياغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان سانىنى كۆپەيتىمەكچى ئىكەن، ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى- ياۋروپا لىنىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىپ، ئۈرۈمچىنى خەلقئارالىق يۈك ئاۋىئاتسىيە مەركىزى قىلىپ قۇرۇش خىزمىتىنى تېزلەتمەكچى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG