Press "Enter" to skip to content

ۋاڭ ۋېنبىن ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا جاۋاپ قايتۇردى

 خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىكى 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلغانلىقىنى، تىبەتنى، خوڭكۇڭنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى سىياسىي ئەركىنلىك ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلغان. 

 خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مۇخبىرلارنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاپ بەرگەن. يىغىن جەريانىدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مۇخبىرى ئامېرىكانىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە قارىتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىندىن بۇ دوكلاتقا قانداق جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىنى سورىغاندا،

 ۋاڭ ۋېنبىن: «ئامېرىكانىڭ ​​بۇ ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى يىللاردىن بۇيان ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان ۋە يالغان بىلەن تولغان دوكلاتتۇر. ئۇنىڭدىكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار سىياسىي يالغانچىلىق ۋە ئىدىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراش بىلەن تولغان. بىز ئامېرىكا تىلغا ئېلىۋاتقان ئۇ رايونلاردا، نامراتلىق مەسىلىسىنى مۇتلەق ھەل قىلدۇق ۋە دېموكراتىيىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مائارىپنى، ئىجتىمائىي كاپالەتنى ۋە داۋالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق. دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت شارائىتىغا ماس كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى تۇتتۇق. ئامېرىكا بولسا دۇنيادىكى 200 گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلدى. ئەگەر ئامېرىكا ھەقىقەتەن كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان بولسا، قورال زوراۋانلىقى، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ كېڭىيىشى، ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە دەخلى-تەرۇز قىلىش مەسىلىلىرىگە يۈزلىنىشى ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىشى كېرەك. ئامېرىكانىڭ ئۆز-ئارا توقۇنۇشۇۋاتقان رايونلارنى قورال بىلەن تەمىنلەپ كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشىلىك ھوقۇق ئاپەتلىرىنىڭ مىساللىرىدىن بىرى، ئامېرىكا غەززەدىكى 110 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ يارىلىنىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقىنى رەت قىلدى. بۇ ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قارايدىغانلىقى ۋە دەپسەندە قىلىنغانلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى. ئامېرىكىنىڭ سېپى ئۆزىدىن ساختا كىشىلىك ھوقۇقچى ۋە ھەقىقىي زومىگەر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت كۆرۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا خالىغانچە ئارىلىشىشنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشنى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە نامىدا زىددىيەت ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG