Press "Enter" to skip to content

ۋاڭ ۋېنبىن بايدىننىڭ سۆزىگە جاۋاپ قايتۇردى

  خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ 3-ئاپرېلدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر: «ئامېرىكا تەرەپنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، 3-ئاپرېل پرېزىدېنت بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان  تېلېفون سۆھبىتىدە شياڭگاڭ ، شىنجاڭ ۋە شىزاڭ مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟» دەپ سورىغان سوئالىغا ۋاڭ ۋېــنبىن: «ســىز تــىلغا ئــالــغان مــۇنــاســىۋەتــلىك مــەســىلىلەرگــە قــارىــتا، مــەن ســىزگــە خــىتاي ۋە ئــامــېرىــكا پــرېــزىــدېــنتلىرى ئــوتــتۇرىــسىدىــكى تــېلېفون ســۆھــبىتىنىڭ بــەزى كــونــكرېــت تــەپــسىلاتــلىرىــنى تــونــۇشــتۇرمــاقــچىمەن. ســۆھــبەت جــەريــانــىدا شـياڭـگاڭـنىڭ خىتايغا تـەۋە ئـىكەنـلىكى، شـياڭـگاڭ مـەسـىلىسىنىڭ پـەقـەت خـىتايـنىڭ ئـىچكى مـەسـىلىسى ئـىكەنـلىكى ئـېنىق تـــىلغا ئـــېلىنغان. يېڭىدىن تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن شياڭگاڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 23-ماددىسىدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئاساسىي قانۇنى مەسئۇلىيىتى تولۇق ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.  بۇ بارلىق شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا  ئىنتايىن پايدىلىق.  ئۇ شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلمايدۇ ئەكسىنچە كىشىلىك ھوقۇقىنى تولۇق قوغدايدۇ. ئامېرىكا خىتاينىڭ شياڭگاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشىغا ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئارىلاشماسلىقى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ۋە شىزاڭ مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق ھېچقانداق دۆلەتنىڭ خاس مۈلكى ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كەلسەك بىر دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە پەقەت شۇ دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭلا سۆزلەش ھەققى بولىدۇ. خىتاي ئامېرىكا بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى خالايدۇ.  ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ خىتاي ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋ يول قويمايدۇ.» دەپ جاۋاپ بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG