خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 29-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 28-كۈنىگرۇزىيەدىن كەلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 95 نەپەر ساياھەتچى خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلان بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھرىگە يېتىپ كەلگەن.
خىتاي بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئادەتتىكى پاسپورت ئىگىلىرىگە ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن گرۇزىيەنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بىلەن خىتاينىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بولغان پۇقرالارنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت ۋە باشقا سەپلىرى ۋىزىسىز بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بىر قېتىمدا تۇرۇش ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. ئۇمۇمىي تۇرۇش ۋاقتى بولسا ھەر 180 كۈندە 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. خىتاي-گرۇزىيە ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، گرۇزىيەنىڭ تىبلىستىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان خەلقئارالىق نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى ھەر ھەپتىدە 6 قېتىمغا كۆپەيتىلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان
