Press "Enter" to skip to content

خىتاي-ئۆزبېكىستان بىرلەشمە يېڭى دورا تەجرىبىخانىسى قۇرۇلدى

خىتاي مەركىزى خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: 12-ئاينىڭ 20-كۈنى ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئەركىن سودا سىناق رايونى بولغان ئۈرۈمچى رايونىدا، خىتاي-ئۆزبېكىستان «بىر بەلۋاغ بىر يول» يېڭى دورىگەرلىك بىرلەشمە پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق تەجرىبىخانىسى قۇرۇلغان.

بۇ تەجرىبىخانىنى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاتالمىش «شىنجاڭ» فىزىكا ۋە خىمىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى ، شاڭخەي ماتېريا مېدىتسىنا ئىنستىتۇتى ۋە بىيو ئورگانىك خىمىيىلىك تەتقىقات ئورنى ۋە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى فىتخومىيە ئىنستىتۇتى بىرلىكتە قۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، غەربكە ئېچىۋېتىش ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ ئەنئەنىۋى مىللى تېبابەت دورىلىرى تىجارىتىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيتمەكچى بولغان، بۇ تەجرىبىخانىنىڭ رولى بولسا ئۆزبېكىستان دۆلىتىدە مىللى تېبابەت دورىلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىپ ئىشلەش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ، قازاقىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ، بىرلەشمە پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق تەجرىبىخانىسى قۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، دورا تەتقىقاتى ساھەسىدە كېڭەيمىچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى تېبابىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي تېبابىتى تېخنىكىسىنى ئوتتۇرا ئاسىياغىچە يۆتكەپ ۋە كېڭەيتىپ بۇ ساھەلەردىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG