Press "Enter" to skip to content

خىتاي-ئۆزبېكىستان ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورىنىڭ 24-يانۋاردىكى  خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە،  22-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتاي ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ۋە كارخانىچىلىرىدىن بولۇپ 1300 دىن ئارتۇق ۋەكىل ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ خىتاي-ئۆزبېكىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشقان.
 
 بۇ يىغىنغا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن خىتاي سودا جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ، خىتاينىڭ چەتئەللەر ئارا دوستلۇق جەمئىيىتى ، خىتاي خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېڭىشى ۋە خىتاينىڭ 22 ئۆلكىسىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە كارخانىچىلار قاتناشقان.

 ئۆزبېكىستان تەرەپتىن، مۇئاۋىن باش مىنىستىر باشچىلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى، ئالاقىدار مىللىي مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتلارنىڭ 300 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ۋە 14 يەرلىك مەمۇرىي ئورگان ھەم 500 دىن ئارتۇق كارخانا ۋەكىللىرى قاتناشقان.
 
 يىغىن جەريانىدا 18 خىتاي شىركىتى ئۆزبېكىستان بىلەن 18 تۈرلۈك توختام ئىمزالىغان بولۇپ توختام قىممىتى 44 مىليون 670 مىڭ دوللار بولغان. يەنە ئۆزبېكىستان قۇرۇلۇش تېخنىكا مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭ» چېستېرلېي سودا چەكلىك شىركىتى نەق مەيداندا 2 مىليون دوللارلىق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ساياھەت ، ئەشيا ئوبوروتى ۋە باشقا ساھەلەردىمۇ 10 نەچچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
 
 خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  ئاتالمىش «شىنجاڭ»  «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ ، 2023-يىلدىن باشلاپ ئۆزبېكىستان بىلەن بېرىش كېلىشنى تولۇق قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالماشتۇرۇش ، ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە ھەرقايسى ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىق ئورناتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەت، پەن-تېخنىكا مائارىپى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار ساھالەردىمۇ كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
 
 2023-يىلى، شەرقىي تۈركىستان رايونى بىلەن بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 9 مىليارد 170 مىليون يۈەنگە يېتىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 40.7 ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتالمىش «شىنجاڭ» بىلەن ئۆزبېكىستان ئىلىم-پەن ، مائارىپ ، مەدەنىيەت ۋە ساغلاملىق جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتكەن بولۇپ،  ئىككى تەرەپنىڭ 15 پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىگە سالغان مەبلىغى 30 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG