Press "Enter" to skip to content

خىتاي-قازاقىستان ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى 10-نويابىر رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەندە ، قورغاس تۈمۈر يول پورتىنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالى «خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى» دىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدىكى چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلارنى كۈتۈۋالدى، بۇ كېلىشىم 10-نويابىر كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان.

2023-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ، خىتاي بىلەن قازاقىستان 10-نويابىردىن باشلاپ يولغا قويماقچى بولغان «قازاقىستان بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى» خىتاينىڭ شىئەن ئۆلكىسىدە ئىمزالانغان ئىدى.

بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ، خىزمەت پاسپورت ، ئادەتتىكى پاسپورت ۋە ساياھەت ھۆججىتى بار خىتاي پۇقرالىرى ، ئادەتتىكى پاسپورت ۋە دۆلەتكە قايتىش ئىسپاتى بار قازاقىستان پۇقرالىرى شەخسىي ئىشلار ۋە سودا پائالىيەتلىرى (سودا-تىجارەت، ئىش توختامى ئىمزالاش، داۋالىنىش قاتارلىق) سەۋەبلەردىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ۋىزىسىز ساياھەت قىلىشقا بولىدىكەن، ۋە شۇ دۆلەتكە كىرگەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ، ھەر 180 كۈندە جەمئىي 90 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى شەرتى بىلەن ۋىزا ئىلتىماسى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن

ئىگىلىنىشچە ، خىتاي-قازاقىستان ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ ، چېگرادىن كىرىپ-چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە ، قازاقىستانغا كىرگەن كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئادەم سانى ھازىرقى 100-300 دىن ئەڭ ئاز بولغاندا 1000 غا كۆپىيىدىكەن، ۋە بۇ ئىككى رايون ئارىسىدىكى ساياھەت قېتىم سانى شىددەت بىلەن ئۆرلەيدىكەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG