Press "Enter" to skip to content

خىتاي 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پارات ئۆتكۈزدى

 خىتاي تەڭرىتاغ تورىنىڭ 1-مايدىكى خەۋىرىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىدارىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت  بىرلىشىپ 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى شەھرىدە پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

خەلقئارادىكى دۆلەتلەر 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۆزىنىڭ جىنايىتى ۋە ئەپتى-بەشىرىسىنى يېپىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە پۈتۈن خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، كوچىلاردا ئۇسۇل ئوينىتىپ ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاتالمىش پارات يەنى «كوچىلاردا يۈرۈش» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەن. خىتاينىڭ دېيىشىچە بۇ پائالىيەت «ئەمگەكچىلەر بايرىمى ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمە پائالىيىتى» نىڭ پەقەت بىر قىسمى ئىكەن.

 خىتاي يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلق ئاممىسىنى «جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇپ ۋە مەجبۇرى ئەمگەك» كە سېلىپ ۋاسىتە تاللىماستىن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى ئاشۇرۇش ۋە رەزىل مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلدى. خەلقئارادىكى دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ  شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن قىلمىش ۋە جىنايەتلىرىنى دەلىللەپ، بۇنىڭغا قارشى قانۇن نىزاملارنى چىقارغان ئىدى. ئەپسۇس خىتاي بۇنىڭغا پەرۋا قىلماستىن يەنە ئۆزىنىڭ خالىغىنىنى قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG