Press "Enter" to skip to content

خىتاي بىللىنكېننىڭ رامىزانلىق تەبرىك سۆزىگە رەدىيە بەردى

  خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 13-مارت قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىرنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىللىنكېننىڭ رامىزانلىق تەبرىك سۆزىدە «مۇقەددەس رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەن دۇنيادىكى 1 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ رامىزان بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن. مۇشۇنداق تىنچلىق پەسلىنى خاتىرىلەيدىغان بىر پەيتتە، نۇرغۇن مۇسۇلمان جامائەتلەر توقۇنۇش ۋە ئازاب ئىچىدە قالدى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ، بېرما ۋە بېنگالدىكى روھىنگالىقالار ، غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن بۇ سۆزىگە جۇڭگونىڭ قانداق ئىنكاسى بار؟ 

  دەپ سورىغان سوئالىغا: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ، دىنىي ئىناقلىقتىن بەھرىمەن بولىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى تولۇق قوغدىلىۋاتىدۇ. شىنجاڭدا توقۇنۇش يوق ، ئەمما غەززەدە توقۇنۇش بار. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئاچارچىلىق، قوغلاپ چىقىرىش ۋە ئۆلتۈرۈشنىڭ ئازابىنى تارتمىدى. ئەمما غەززەدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمان ئاچارچىلىق، قوغلاپ چىقىرىش ۋە ئۆلتۈرۈشنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ. ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەملىك ئويۇنىنى توختىتىشى، غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىدە سىياسەت ئويناشنى توختىتىشى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋە غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىشىنى توختىتىشى كېرەك. ئامېرىكىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى يالغان ۋە قۇرۇق رامىزان باياناتى ئەمەس بەلكى غەززەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كونكرېت ھەرىكەت قىلىشى كېرەك» دەپ جاۋاپ بەرگەن. 

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG