Press "Enter" to skip to content

خىتاي چەتئەلدە مەدەنىيەت-تەشۋىقات ھەپتىلىكى ئۆتكۈزدى

خىتاي خەلق تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋرىدە بىلدۈرىلىشىچە،   1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ، خىتاي تاشقى ئىشلار ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى ، قاتاردىكى باش ئەلچىخانىسى ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى ، دۇبەيدىكى باش كونسۇلخانا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى خىتاي مەدەنىيەت مەركىزى قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق جايلاردا ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت-تەشۋىقات» ھەپتىلىكى ئۆتكۈزگەن.

  بۇ پائالىيەت چوڭ تىپتىكى مۇزىكا ، ئۇسسۇل ، شېئىر ۋە رەسساملىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى تىياتىر قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يەنە ئ‍ۇنىڭدىن باشقا چاغانلىق ئالاھىدە پائالىيەت ، دۇبەي خۇشال بۇلاق بايرىمى بۇتخانا يەرمەنكىسى، ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق  فوتوگراف كۆرگەزمىسى، «شىنجاڭ شەكىلسىز مەدەنىيەت مىراسلىرى » مەدەنىيەت ۋە ئىجادىي سوۋغات كۆرگەزمىسى ، شىنجاڭ ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىمى ، شۇنداقلا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى قاتارلىق «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى خىتاينىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىشنى ئاساس قىلغان بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان.

خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق تەشۋىقات پائالىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتار قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالماشتۇرۇش ۋە بىرلىشىش نەتىجىسى ئارقىلىق شەكىللەنگەن پائالىيەت بولۇپ، خىتاي بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ كۆپ خىللاشقان ، بىر گەۋدىلەشكەن ۋە مول مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ رايونغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ ، ئاتالمىش «شىنجاڭ»نىڭ  ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى كۈچەيتىپ ، مەدەنىيەت ساياھىتى ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى ئاساس سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG