خىتاي تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ 6-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق بۆلۈمى يولغا قويغان ۋە ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ئىدارىسى بىرىنچى رايون گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «شىنجاڭ گېئولوگىيىلىك يادىكارلىقلارنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش تۈرى» نىڭ تەتقىقات نەتىجىسى كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايون ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك 634 مۇھىم گېئولوگىيىلىك يادىكارلىق بايقالغان.
ﺧــﯩﺘــﺎﻱ ﮬﯚﻛﯜﻣــﯩﺘــﻰ 2003-ﻳــﯩﻠــﻰ ﮔﯧﺌﻮﻟــﻮﮔــﯩﻴــﯩﻠــﯩﻚ ﻳــﺎﺩﯨﻜــﺎﺭﻟــﯩﻘــﻼﺭﻧــﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺑــﺎﮬﺎﻻﺷــﻨﻰﺗﻪﺷـﻜﯩﻠـﻠﻪﺷـﻜﻪ ﺑـﺎﺷـﻠﯩﻐـﺎﻧـﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳـﺎﻥ ، ﺑـﯩﺮ ﻗـﺎﺗـﺎﺭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﮔﯧﺌﻮﻟـﻮﮔـﯩﻴـﯩﻠـﯩﻚ ﻳـﺎﺩﯨﻜـﺎﺭﻟـﯩﻘـﻼﺭﻧـﻰ ﺑـﺎﻳـﻘﯩﻐـﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﺷﻪﺭﻗـﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛـﯩﺴـﺘﺎﻧـﺪﯨﻜـﻰ ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤـﻰ ﻣـﯩﺮﺍﺱ ﺑـﺎﻳـﻠﯩﻘـﻠﯩﺮﻯ ﻗـﺎﺗـﻼﻣـﻠﯩﻖ ﺋـﺎﺭﺧـﯩﭗ ، ﺗـﺎﺵ ﺋـﺎﺭﺧـﯩﭙـﻰ ، ﺳﯘ ﮔﻪﯞﺩﯨﺴـﻰ ﻳﻪﺭ ﺷﻪﻛـﻠﻰ ، ﻳـﺎﻧـﺎﺭ ﺗـﺎﻍ ﻳﻪﺭ ﺷﻪﻛـﻠﻰ ﻗـﺎﺗـﺎﺭﻟـﯩﻖ 12 ﺗﯜﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧـﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑـﺎﺷـﻘﺎ 36 ﺗﯜﺭﻧـﻰ ﺋﯚﺯ ﺋـﯩﭽـﯩﮕﻪ ﺋـﺎﻟـﯩﺪﯨﻐـﺎ ﻥ ﺑـﻮﻟﯘﭖ. ﺋـﺎﭘـﺘﻮﻧـﻮﻡ ﺭﺍﻳـﻮﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠـﯩﻠـﯩﻚ ، ﺋﯚﻟـﻜﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠـﯩﻠـﯩﻚ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠـﯩﻠـﯩﻚ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧـﯩﯔ ﺋـﯩﭽـﯩﺪﻩ 243 ﺋـﺎﺳـﺎﺳـﯩﻲ ﮔﯧﺌﻮﻟـﻮﮔـﯩﻴـﯩﻠـﯩﻚ ﺋـﻮﺭﯗﻥ ، 385 ﻳﻪﺭ ﺷﻪﻛـﻠﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﻧـﺰﯨﺮﻩ ﺭﺍﻳـﻮﻧـﻰ، 6ﮔﯧﺌﻮﻟـﻮﮔـﯩﻴـﯩﻠـﯩﻚ ﺋـﺎﭘﻪﺕ ﺭﺍﻳـﻮﻧـﻰ ﯞﻩ 6000 ﺩﯨﻦ ﺋـﺎﺭﺗﯘﻕ ﮔﯧﺌﻮﻟـﻮﮔـﯩﻴـﯩﻠـﯩﻚ ﻣـﯩﺮﺍﺱ ﺋـﻮﺭﻧـﻰ ﺑـﺎﺭ ﺑـﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻧـﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻦ 248 ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
گېئولوگىيىلىك يادىكارلىقلار يەرشارىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇزۇن گېئولوگىيىلىك تارىخى جەريانىدا ھەر خىل ئىچكى ۋە تاشقى ھەرىكەتچان گېئولوگىيىلىك جەريانلار سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ۋە قالدۇرۇلغان قىممەتلىك ، قايتا ھاسىل بولمايدىغان گېئولوگىيىلىك تەبىئىي مىراسنى كۆرسىتىدىكەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ تەبئىي ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، گېئولوگىيىلىك باغچا ، قۇملۇق ، سۇلۇق يەر ۋە باغچا ھەم مەنزىرىلىك جايلار قاتارلىق بىر قىسىم ئەلا سۈپەتلىك گېئولوگىيىلىك تەبئىي يادىكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ، شەرقىي تۈركىستان رايونىنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان