Press "Enter" to skip to content

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئومۇمىي پىلانى» نى ئېلان قىلدى

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەر تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە: 31-ئ‍ۆكتەبىر كۈنى،خىتاي پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت كېڭىشى تەرىپىدىن ئاتالمىش «خىتاي شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش ئومۇمىي پىلانى» ئېلان قىلىنغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى» قۇرۇش پىلانى، خىتاي پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت كېڭىشى تەرىپىدىن چىقىرىلغان مۇھىم قارار بولۇپ، بۇ قارار يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك تەدبىرلەردىن بىرى ئىكەن.

خىتاينىڭ بۇ رەزىل پىلانلىرىنىڭ كۈن تەرتىپلىرى تۆۋەندىكىچە:

1-ختاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم ئورۇننىڭ تەرەققىيات نىشانى:

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى خىزمەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ ئومۇمىي دۆلەت ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ»نى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مۇقىملىقى ساقلاش ۋە مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، ئاتالمىش «شىنجاڭ»نى بېيىتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،

ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ قەرەللىك قۇرۇلۇشىنى ئىنچىكە ۋە ئەمەلىي ئىشلەش، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈلگىلىك ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئۈنۈملۈك مۇھىم تۈگۈن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق رايونى ، ھەمدە ئاسىيا-ياۋروپا ئالتۇن قانىلى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىلگەن كۆۋرۈك يولىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەشتۈرۈش. ھەمدە كەلگۈسىدىكى جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا جەمئىيىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇش،

2-يولغا قويۇش دائىرىسى:

ئاتالمىش « شىنجاڭ ئەركىن سودا رايونى» نىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسى 179.66 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ ، ئۈچ رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، 1- ئۇرۇمچى رايونى 134.6 كۋادرات كىلومېتىر، 2- قەشقەر رايونى 28.48 كۋادرات كىلومېتىر، 3- قورغاس رايونى 16.58 كۋادرات كىلومېتىر بولىدىكەن.

3- ئىقتىدار بۆلۈمى:

ئۈرۈمچى رايونىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئورۇن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خەلقئارا سودا، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى ، ئىلغار ياسىمىچىلىق، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك سانائىتى، بىئولوگىيىلىك داۋالاش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇلازىمەت ۋە باشقا يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئۈچۈن مۇھىم سۇپا بەرپا قىلىش.

خەلقئارا سودا ۋە ئەشيا ئوبوروتى يوللىرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ، قەشقەر رايونىدا دېھقانچىلىق ۋە قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى مەركەزلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك سانائىتى، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىمپورت قىلىنغان بايلىقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى ۋە چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى ئاكتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوتتۇرا ئاسىيا ، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە باشقا بازارلارنى تۇتاشتۇرىدىغان تاۋار پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە تەقسىملەش بازىسى بەرپا قىلىش.

قورغاس رايونى چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىق ۋە قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان ساياھەت، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى ھەم كۆرگەزمە قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە دورا ، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ، يېڭى ماتېرىيال ۋە باشقا كەسىپلەرنى كېڭەيتىپ ۋە كۈچەيتىپ ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان،

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىلانىنى تىز سۈرەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىماستىن يۈرگۈزىدىغانلىقىنى يەنە بىرقېتىم تەكىتلەپ ئۆتكەن.

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» قانۇنى ھەمكارلىق مۇزاكىرە يىغىنى ئاچتى

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 10-ئاينىڭ 31-كۈنىىدكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە: 30-چېسلادىن 31-چېسلاغىچە قەشقەر شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق خىتاي (قەشقەر) – ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا قانۇن بىلەن باشقۇرۇش مۇنبىرى يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بۇ يغىنغا نېپال ، سىرىلانكا ، قازاقىستان ، پاكىستان ، ھىندىستان ، قىرغىزىستان ، ئۆزبېكىستان ، تاجىكىستان ، تۈركمەنىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن سوتچىلار ، تەپتىشلەر ، ئالىملار ، ئادۋوكاتلار ۋە خىتاي ۋەكىللىرى قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر قاتناشقان بولۇپ، «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئورتاق قانۇن كاپالىتى» تېمىسىدا، چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، قانۇن ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

شۇ كۈنى ئېچىلغان يىغىندا، خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قازاقىستان كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-مائارىپ ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىغان ۋە «خىتاي شېنجېن خەلقئارا كېسىم سوتى ۋە ئۆزبېكىستان تاشكەنت خەلقئارا سوتى خەلقئارا سودا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىغان.

بۇ مۇزاكىرە يىغىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ قانۇن جەمئىيىتى، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قانۇن جەمئىيىتى ۋە خىتاي قانۇن ئىلمىي ئالماشتۇرۇش مەركىزى ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزىلگەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG