Press "Enter" to skip to content

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەت باھانىسى بىلەن خىتايلارنى قىزىقتۇرماقتا

خىتاي تېلېۋىزيە تورىنىڭ:10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىشىلىچە: مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنى ئاتالمىش «2023-شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە 19 ئۆلكە ، شەھەردىن شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى خوتەن شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى: شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي مىللىتى ئۈچۈن يېڭى ۋە كۈچلۈك مەھەللە ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە بىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» نامىدا، ئاتالمىش «شىنجاڭ» دا ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەتراپلىق يولغا قويۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە بېرىشىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە قىزىقتۇرغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدە، مەملىكەتلىك قىشلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن، ھەمدە ئىنتېرنېت ئاخبارات سۇپىلىرىنى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشۋىقاتلارنى كۆپلەپ قىلىشقا يول يۇرۇق بەرگەن.

بۇ پائالىيەتتە ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» قۇرۇقلۇق ساياھەت ئورگانلىرىنى قوللايدىغان 19 ئۆلكە ۋە شەھەردىكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى ئاتالمىش «شىنجاڭغا يولۇچى ۋە ساياھەتچى ئەۋەتىش» توغرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان، پائالىيەتكە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە 19 ئۆلكە ، شەھەردىن كەلگەن ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە تور ساياھەت سۇپىلىرىدىن كەلگەن 120 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG