Press "Enter" to skip to content

خىتاي جەنۋەدە ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ھوقۇقى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزدى

  خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 14-مارت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 55-قېتىملىق يىغىنىدا، خىتاي ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتى» ساھىبخانلىق قىلغان ئاتالمىش «زامانىۋى تەرەققىياتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ھوقۇقى-جۇڭگونىڭ شىزاڭ ۋە شىنجاڭنى ئۈلگە قىلىش» تېمىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن.

  يىغىن جەريانىدا خىتاي ئورۇنلاشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت رايونىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاتالمىش «ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن كەلگەن بىر تۈركۈم خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئالىملىرى»، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت رايونىدىكى ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەر» نىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىكى يالغان تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» ئاخبارات ۋە ئالاقە بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى تۇرسۇن ئەبەي «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، شىنجاڭ مائارىپ تارماقلىرىنى كېڭەيتىپ مەبلەغ سېلىش داۋام قىلىۋاتىدۇ.  شىنجاڭ مىللىي مائارىپى ئورتاق تىلى ۋە يېزىقى ئوقۇشلۇقى قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنداقلا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ۋە قازاق تىللىرىمۇ دەرسلىك قىلىپ سۆزلىنىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز تىلىنى ۋە يېزىقىنى ئۆگىنىش ھوقۇقىنى تولۇق قوغدىلىدۇ.  شىنجاڭدىكى مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولىۋاتىدۇ.  1987-يىلدىن باشلاپ ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى مەكتەپلەردە شىنجاڭ مىللىي سىنىپى ۋە ئالىي مەكتەپ تەييارلىق سىنىپى قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش شەرتى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇرى جەھەتتە مۇناسىپ ئېتىبار سىياسەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. كونكرېت سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا شىنجاڭنىڭ ساۋاتسىزلىق نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. ھەرتۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ سانى ۋە تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىلار سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

  غەربىي شىمال سىياسىي پەن ۋە قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى چياۋ باشېڭ مۇنداق دېگەن: «يىراق دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى بالىلارنىڭ قاتناش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلاردا ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئاساسەن ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش شارائىتى ۋە شەخسىي بىخەتەرلىكى ئاتا-ئانىلارنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ يارقىن ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بەزى دۆلەتلەر جۇڭگوغا قىلغان تۆھمەتلەر ھەققىدە ئۆزىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭدىكى ياتاقلىق مائارىپنى غەربنىڭ مۇستەملىكىسى دەۋرىدىكى ياتاقلىق مائارىپنىڭ ۋەھشىيلىكى بىلەن ئوخشىتىش تولىمۇ بىمەنىلىك».

  مەركىزى جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى جۈەن: «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپتىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئەتراپلىق قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئاساسىي قانۇن ، رايونلۇق مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى ، مائارىپ قانۇنى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپتىن باراۋەر بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئېنىق بېكىتىلگەن. جۇڭگونىڭ مائارىپ قانۇنى يەنە دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ۋە مىللىي مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سۆزلەش ۋە تىل يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپىنى قوللاش مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

  يىغىن جەريانىدا يەنە ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش» تېمىسىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن.

  ئانالىزچىلەرنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى جەنۋەدە بۇ يىغىننى ئۆتكۈزۈشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئالدىدا قاتتىق بېسىم ئاستىدا قالغانلىقى، شۇ سەۋەپتىن شەرقىي تۈركىستاندا ۋە تىبەتتە ئۆتكۈزگەن «مەدەنىيەت ۋە مائارىپ» قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG