Press "Enter" to skip to content

خىتاي كارخانىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا 414 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان

  خىتاي ھۆكۈمەت تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر تۈرلۈك قىممەتلىك بايلىقلرىنى شىددەت بىللەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن ئىككى يىلدا خىتاينىڭ مەركەز كارخانىلىرى  شەرقىي تۈركىستان رايونى  بىلەن 28 خىل ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ ، خىتاينىڭ 38 مەركەز كارخانىسى بىۋاستە شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سالغان. بۇ كارخانىلار 199 خىل تۈرنى يولغا قويغان بولۇپ، ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 414 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. 

  2022-يىلدىن باشلاپ ، خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ، خىتاي دۆلەتلىك ئېلېكتر تورى شىركىتى ۋە خىتاي خۇا دىيەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 75 مەركىزى كارخانا شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئېلىپ بارغان.  بۇنىڭ ئىچىدە ، خىتاي نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى ۋە باشقا شىركەتلەر نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چارلاش ۋە ئېچىش ، يېشىل ھىدروگېن ۋە يېشىل توك قاتارلىق تۈرلەرگە 114 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان. خىتاي دۆلەت ئېلېكتر تورى شىركىتى، خىتاي خۇا دىيەن گۇرۇھى ۋە باشقا شىركەتلەر يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق تۈرلەرگە 180 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان.

  يەنە ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار ئالاقە ، تۆمۈر يول ، تاشيول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 120 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالغان. خىتاي خۇاديەن گۇرۇھى بىلەن ئاتالمىش «شىنجاڭ» لىيشىن ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە،  «شەرقىي تۈركىستاننڭ ئېنېرگىيىسىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە» توشۇيدىغان ئۈچىنچى قانىلى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى 6 مىليون 100 مىڭ كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنى يولغا قويغان.

تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG