Press "Enter" to skip to content

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا مەدەنىيەت تەشۋىقات پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى

خىتاي خەلق تورىنىڭ 15 نويابىردىكى خەۋرىدە دېيىلىشىچە: خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 5-نويابىردىن 15-نويابىرغىچە قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا كەڭ كۆلەملىك «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن، ھەمدە بىر يۈرۈش مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەشۋىقاتى پائالىيىتى ئارقىلىق، مەدەنىيەت ساياھىتى ۋە سودا سۆھبەتلىرى ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» نىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەمدە جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئالتۇن پۇرسەتنى قولدىن بەرمىگەن.

بەزى ئانالىزچىلار: خىتاي بۇ تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق ئاتالمىش «شىنجاڭ» خەلقىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىگە پەردازلاپ كۆرسىتىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ» خەلقىنىڭ يالغان بەختىيار تۇرمۇشى نامايەن قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى مەلۇم دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

Copyright © 2023 UYGHURINFO.ORG