خىتاي خەلق تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، خىتاي ھۆكمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى، 2024-يىللىق
ئاتالمىش «شىنجاڭ» رايونىدا ئاتالمىش چوڭ تۈرلەرنى پىلانلاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىن جەريانىدا بۇ يىل شەرقىي تۈركىستان رايونىدا قىممىتى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان 3900 خىلدىن ئارتۇق يېڭى تۈر پىلانى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تۈرلەرگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلىغى 2 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن ئىكەن. دەسلەپكى قەدەمدە پىلانلانغان مەبلەغ 60 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 72 ئابىدە خاراكتېرلىك چوڭ تۈرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 318 مىليارد 400 مىليون يۈەن ، يىللىق پىلانلانغان مەبلەغ 81 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.
بۇ تۈرلەرنىڭ بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدە قەشقەر رايونىدا 660 مىڭ كىلوۋاتلىق دەرىجىدىن تاشقىرى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ئىككىسى بار بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن قەشقەر رايونىدىكى 750 كىلوۋولتلۇق تارماق پونكىتىغا ئۇلىنىشى پىلانلانغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش مەخسۇس تۆمۈر يول ۋە ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرىنى قايتا قۇرۇش تۈرى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي مەبلىغى 6 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولىدىكەن.
2- تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى قۇمۇل رايونىدا 6 مىليون 100 مىڭ كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى بار بولۇپ، بۇ تۈرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 29 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، 4 مىليون 800 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆمۈرنى تېجەپ قالىدىكەن.
3- بۈگۈر ناھىيىسىدە قۇرۇلماقچى بولغان يىللىق ساپ مەھسۇلات مىقدارى 100 مىڭ توننا بولغان يۇقىرى ساپلىقتىكى كۆپ قۇتۇپلۇق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال ياساش تۈرى باشلانغان. بۇ تۈرگە جەمئىي 7 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇ ماتېرىيال يۇقىرى ساپلىقتىكى كۆپ قۇتۇپلۇق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيالى بولۇپ قۇياش ئېنېرگىيىسى باتارېيىسى ياساشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
4- ئاقسۇدا «OSB» تېخنىكىسى يېڭى ماتېرىيال تۈرى رەسمىي قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 560 مىليون يۈەن بولغان. بۇ تۈر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 500 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن. «OSB» بىر خىل بىرىكمە ياغاچ بولۇپ ، بۇ خىل تاختاي كىچىك دىئامېتىرلىق ياغاچ خام ئەشياسىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلات ئۆي جاھازلىرى ياساشتا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن.
5- كۇچار-ئالار-مارالبېشى 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش ۋە ئۆزگەرتىش تۈرى باشلانغان بولۇپ. بۇ تۈر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچار ناھىيىسىدىن باشلىنىپ ، قەشقەر رايونىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدە ئاخىرلىشىدىكەن، بۇ يېڭى 750 كىلوۋولتلۇق تارماق پونكىتىنىڭ ئومۇمىي لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 485.029 كىلومېتىر ، ئومۇمىي مەبلىغى 3 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئالپ ئارسلان
